خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش دائىرىلىرى ئەرزىدارلارنى تۇتقۇن قىلىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى


خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى يەرلىك ئورگانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەرزىدارلارنى تۇتقۇن قىلىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جاڭ شاۋلۇڭ، ئەرز - شىكايەت ئورۇنلىرىنىڭ ئەرزىدارلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەرزىدارلارنى ئەرزىيەت ئىشخانىسى ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا تۇتقۇن قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، دېگەن. بىراق بەزى كۆزەتكۈچىلەر، جاڭ شاۋلۇڭنىڭ سۆزىدە كاۋاك بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ، ئەرزىدارلارنى ئەرزىيەت ئىشخانىسى سىرتىدا ياكى غەيرى ئاممىۋى سورۇنلاردا تۇتقۇن قىلىشقا بولىدۇ، دېگەندىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي كومپارتىيە باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ يولسىزلىقىغا قارشى تۇرغان ئەرزىدارلارنى باستۇرۇپ كەلدى. ئۈچتۇرپانلىق ئۇيغۇر ئەرزىدار نۇرگۇل توختى ئىلگىرى بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بېرىپ، ئوغلىنى بۇلاپ كەتكەن خىتاي ئادەم بېدىكىنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، ئۈچتۇرپان يەرلىك دائىرىلىرى بېيجىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ نۇرگۇلنى تۇتۇپ كەلگەن ۋە ئۈچتۇررپاندىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئۇزۇن مەزگىل قاماپ قويغان. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېيجىڭغا ساقچى ئەۋەتىپ، ئەرزىدارلارنى تۇتۇپ كېلىپ قاماپ قويىدىغان ئەھۋال خىتايدا ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە.