تەيۋەن رەسمىي ھالدا IPAC قا قوشۇلدى

«خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) نىڭ تور بېتىدە 30-ئىيۇلدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ 4-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى شۇ كۈنى تەيبېي شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاياغلاشقان. بۇ قېتىملىق يىغىنغا 24 دۆلەتتىن كەلگەن 49 سىياسىيون قاتناشقان بولۇپ، بۇ، تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئەڭ چوڭ پارلامېنت ئۆمىكى بولۇپ قالغان.

يىغىندا تەيۋەننى رەسمىي ھالدا مەزكۇر بىرلەشمىگە قوبۇل قىلىش ھەققىدە قارار ئېلىنغان، شۇنداقلا مەزكۇر ئورگان مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەندىكى دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە فەن يۈن ۋە چېن گاۋزۇنىنى مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ قوشما مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى شياۋ مېيچىن ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ «تەيۋەننى ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىدىكى خەلقئارالىق تەرتىپنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن دېموكراتىك كۈنلۈك ھاسىل قىلىش زۆرۈر» دېگەن. IPAC ئەزالىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا پۇتلىكاشاڭ پەيدا قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى كەسكىن ئەيىبلەپ «خىتاينىڭ بۇ خىل قورقۇنچ سېلىشلىرى بىزنى ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلىش يولىدىن قايتۇرالمايدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى IPAC يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ خوڭكوڭ ۋە تىبەت مەسىلىلىرى بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ئەيىبلەنگەن.