كېرىيە ناھىيەسىنىڭ جاي يېزىسىنىڭ پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن باشلاپ بەرگەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاب شەكلىدىكى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ھازىر ئاپتونوم رايون رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرىگىچە كېڭەيگەن.
28-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ زىممىسىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتىنى باشقا ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار تەكىتلىگەندەك «شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلاپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ رايوندا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەمما ئۇ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالغان بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىنىشىغا ئائىت مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان. ئۇ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قوللىنىۋاتقان مائارىپ، ئىقتىساد ۋە باشقا ھەر جەھەتلەردىكى پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى، مەسىلەن، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ،، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە باشقىلارنى تەكىتلەپ، مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەركىن تۇنىياز ئۆزىدىن ئىلگىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار قوللانغان جۈملىلەر يەنى، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزگەنلىكى»نى ئەسكەرتىپ،«ئۇلار بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەتىنىمىز خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئابرۇيى ۋە ئوبرازىنى تۆكۈۋەتتى» دېگەن.
خىتاي مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 25-28-ئاپرېل كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات، نەشرىيات ۋە رادىئو ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارە-ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەجرۇھلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئىدارە ۋە جەمئىيەتلەردە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش قەسەمياد پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈشكەن.