ئامېرىكا خىتايدىكى تېلېۋىزىيىدە «ئىقرار قىلدۇرۇش» ھەرىكىتىدىن ئەندىشە ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا، خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە ئاتالمىش جىنايىتىنى ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن، ھەتتا ئۇنىڭ چەتئەل پۇقرالىرىغىمۇ قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارك تونېر پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «بۇ خىل ھەرىكەتلەر خىتاينىڭ دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا گۇمان قوزغايدۇ» دېدى.

ئۇ تېلېۋىزىيىدە «جىنايىتى ئىقرار قىلدۇرۇلۇۋاتقانلار» نىڭ كۆپىنچە ھاللاردا تېخى رەسمىي ھالدا سوتقا چىقمىغان ياكى قانۇن تەرتىپلىرى بويىچە جىنايىتى ئېنىق بېكىتىلمىگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىقىنى بىلدۈرۈپ «بۇنداق ھەرىكەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىققا ئىگە ئەدلىيە سىستېمىسى يارىتىش ھەققىدىكى ۋەدىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ» دېدى.

تېلېۋىزىيىدە سازايى قىلىپ تۇرۇپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇسۇللارنىڭ بىرى ئىدى. بۇندىن ئىلگىرى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلىرى، يەكەن ۋەقەسى توغرىلىق ساختا خەۋەر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ياش ئۆسمۈر ئابدۇرېشىت ھەم شۇنداقلا 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان نۇرغۇن كىشىلەر ھەممىسى تېلېۋىزىيىدە ئاتالمىش جىنايىتىنى «ئىقرار قىلغان».

ئىككى كۈن ئاۋۋال، شىۋېتسىيىلىك كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپىنىڭمۇ ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.