ئىرانغا قارىتىلغان ئىمبارگو بىكار قىلىندى

شەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا قاراتقان بارلىق ئىمبارگولىرىنى بىكار قىلغانلىقىى ئېلان قىلىندى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى تېھراننىڭ ئۆزىنىڭ يادرو پىلانىنى توختىتىش ھەققىدىكى بارلىق شەرتلىرىنى ئورۇندىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررىنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى بەرپا قىلىش تەھدىدى ئازايغان بولۇپ، ئۇ : ئىران قوللانغان چارىلارغا ئاساسەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى يادرو پروگراممىسىغا باغلىق بارلىق ئىمبارگولارنى توختاتتى، دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئىران ئۆزىنىڭ ئاراك رايونىدىكى ئاتوم رېئاكتورىنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بىكار قىلغان ئىدى.

ئىراننىڭ يادرو پىلانى سەۋەبىدىن بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئىران بىلەن ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ داۋاملاشقان ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئىرانغا يادرو پىلانىنى بىكار قىلىش ھەققىدە شەرتلەرنى قويغان، ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كۆپ سۆھبەتلەر داۋاملاشقان ئىدى.

غەرب ئىراننىڭ يادرو پىلانى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا قارىتا ئىمبارگو قوللانغان بولۇپ، بۇ، ئىراننىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن روھانى ئىرانغا قارىتىلغان ئىمبارگو بىكار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قىلغان سۆزىدە غەربنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى يۇقىرى باھالاپ، «ئىران ئۆزىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغىنى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى»دەپ باھا بەردى.