ئىران پىرېزىدېنتىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تىك ئۇچۇر ۋەقەسىگە تېخنىكالىق كاشىلا سەۋەب بولغان

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىر ئابدۇللاھىيان ۋە باشقىلارنىڭ تىك ئۇچۇر ئايروپىلانى 19-ماي كۈنى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئىبراھىم رەئىسى بىلەن ئابدۇللاھىياننىڭ ھەر ئىككىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇتقۇزغۇچىلار تۈتەكلىك تاغلىق رايوندا نەچچە سائەتلەپ ئېلىپ بېرىلغان چارلاش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ئىبراھىم رەئىسى، ئەمىر ئابدۇللاھىيان ۋە باشقىلارنىڭ جەسىتىنى تاپقان. ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ كونسېرۋاتىپ پىرېزىدېنت، دەپ قارالغان ئىبراھىم رەئىسىنىڭ بۇ يىل 63 ياشتا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى تىك ئۇچۇر ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە تېخنىكالىق كاشىلا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىراندىكى ئەڭ ھوقۇقدار ئىككى شەخس - ئىبراھىم رەئىسى بىلەن ئەمىر ئابدۇللاھىيان خەلقئارا ۋەزىيەت قاتتىق داۋالغۇشتا تۇرۇۋاتقان، ئىراننىڭ ئىچكى قىسمىدا نارازىلىق قاتتىق كۈچەيتكەن بىر پەيتتە قازاغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككىيلەننىڭ ئۆلۈمى ئىراننىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدۇ، دەپ قارالماقتىكەن. پىرېزىدېنت رەئىسى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھىياننىڭ دەۋرىدە، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتتىق كۈچەيگەن. ئىران ب د ت دا خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللاش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىشىغا يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 20-ماي كۈنى تىك ئۇچار ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئىران خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەم نېگىزلىك ئەركىنلىك كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئامېرىكا 1979-يىلى پارتلىغان ئىران «ئىسلام ئىنقىلابى» دىن بېرى، ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كەلگەن كەلگەن ئىدى. بىر قىسىم خەۋەرلەردە، ئىراننىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك دىنىي رەھبىرىگە تەيىنلىنىشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان ئىبراھىم رەئىسىنىڭ ئۆلۈمى، ئىراندا ئىچكى مۇقىمسىزلىقنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسىنى ئېچىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنماقتا.