خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىرانغا قاراتقان زىيارىتى ئاخىرلىشىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىنلا، ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن روھانى ئۆزىنىڭ ياۋروپاغا قاراتقان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.
رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ھەسەن روھانى 25 - يانۋار كۈنى ئىتالىيىدە ئىككى كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىدە بولغاندىن كېيىن 27 - يانۋار كۈنى فرانسىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن.
ئۇ يەنە 26 - يانۋار كۈنى ۋاتىكاندا زىيارەتتە بولۇپ، رىم پاپاسى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
بۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى يادرو پىلانى مەسىلىسىدە ئىرانغا قاراتقان تۈرلۈك ئىمبارگونى بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئىران پرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىشى ئىكەن.
ئىرانغا قاراتقان ئىمبارگونىڭ بىكار قىلىنىشىنى يۇقىرى باھالىغان ھەسەن روھانى بۇنىڭ ئىران بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ھەسەن روھانى 23 - يانۋار كۈنى تېھرانغا دۆلەت زىيارىتى بىلەن كەلگەن خىتاي رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا - ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا كېلىشكەن ئىدى. شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ يەنە ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى ھامەينى بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشكەن ئىدى. شى جىنپىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان ئىمىبارگونى بىكار قىلغاندىن كېيىن ئىراننى زىيارەت قىلغان تۇنجى چەتئەل پرېزىدېنتى ھېسابلاندى.