ئىران پرېزىدېنتى روھانىي ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاشنى ھەرگىز توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران پرېزىدېنتى روھانىي ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاشنى ھېچقاچان توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران پرېزىدېنتى روھانىي ئىراندىكى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ سۆزنى ئېيتقان بولۇپ، روھانىينىڭ بۇ سۆزى ئىنكاس قوزغىدى. چۈنكى، يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ۋە گېرمانىيە ئىران بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئالتە ئاي ئىچىدە مەسىلىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش كېلىشىمى ھازىرلاشقا پۈتۈشكەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، روھانىينىڭ بۇ سۆزى بەلكى كېررىنىڭ سۆزىگە بېرىلگەن جاۋاب بولسا كېرەك.

ئىران بىلەن ئىمزالانغان مەزكۇر كېلىشىمگە ھەر قايسى تەرەپلەر يۇقىرى باھا بەرگەن، ھەتتا غەرب دۆلەتلىرى ئىرانغا قاراتقان ئىمبارگونى قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، كېلىشىمدە ئىراننىڭ پەقەت چەكلىك رەۋىشتىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ۋە تېببىي ساھە ئۈچۈن ئۇران تاۋلىشىغا يول قويۇلغان، ئەمما بۇنى ئاتوم بومبىسى ياساش ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىكى بەلگىلەنگەن ئىدى.

روھانىينىڭ ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى ئىران يادرو كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن يەنە جىددىي داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.