ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بۇ ھەقتىكى فىلىمنى «بىمەنە ۋە كەچۈرگىلى بولمايدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئۇ يەنە ياپونىيەنىڭ تېررورىزمغا تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سەيشەنبە كۈنى قوراللىق كۈچلەر ئەگەر ياپونىيە دائىرىلىرى 72 سائەت ئىچىدە 200 مىليون دوللار بەرمىسە، گۆرۈگە ئېلىۋالغان ياپون پۇقرالىرىدىن يۇكاۋا ئەپەندى ۋە كەنجى گوتولارنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
قوراللىق كۈچلەر يېڭى ئېلان قىلغان فىلىمدە گوتو ئەپەندىنىڭ يۇكاۋانىڭ جەسىتى تارتىلغان بىر پارچە رەسىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى باش كاتىپى يوشىھىدې سۇگا ئەپەندى مەزكۇر فىلىمگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە كەنجى گوتو ئەپەندىمنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
كەنجى گوتو ياپونىيىلىك داڭلىق ھۆججەتلىك فىلىم مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ سۈرىيەگە خەۋەر ئىشلەشكە بېرىپ يوقاپ كەتكەن. يۇكاۋا ئەپەندى بولسا سۈرىيەگە شەخسىي ھەربىي ئەسلىھەلەر توختام شىركىتى قۇرۇش ئۈچۈن بېرىپ گۆرۈگە چۈشۈپ قالغان ئىكەن.