ئىرېلاندىيەلىك پالاتا ئەزالىرى ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىردى

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭغا قارشى ئاۋازلارمۇ كۆپەيمەكتە.

30-ئىيۇل كۈنى «ئىرېلاندىيە كاتولىكلىرى» ناملىق بىر خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىرېلاندىيە دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۆۋەن پالاتا ۋە يۇقىرى پالاتا ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان جەمئىي 20 پالاتا ئەزاسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە بولغان كۈچلۈك ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار ئىرېلاندىيە باش مىنىستىرى، مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا ئورتاق ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاش ئارقىلىق ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان. بولۇپمۇ ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى «ۋەھشىي تەدبىرلەر» دەپ ئاتاپ، ھۆكۈمەتتىن ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلغان.

ئىمزالىق خەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تۇغۇت چەكلەش، تۇغماس قىلىشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئەر ۋە ئاياللىرىنى «ئىدىيە ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا» قاماۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئىرېلاندىيەلىك دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنى خۇرسەن قىلدى. ئۇلار يەنىمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قېتىلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدە جىددىي بېسىم پەيدا قىلىشقا پايدىلىقلىقىنى بىلدۈردى.