USCIRF «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ ئۈچ يىللىقىدا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى كۈچەيتىشكە چاقىردى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى USCIRF ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، بايدېن مەمۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئوخشاش پىكىردىكى خەلقئارا شېرىكلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەرگە قاراتقان يىرگىنچلىك ۋەھشىيلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش تىرىشچانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ چاقىرىقى ب د ت نىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش ۋاقتىغا ئاز قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا قانداق ھەرىكەتلەردە بولىدىغانلىقى ئېنىقسىز ئەھۋالدا تۇرغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 19-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ كومىتېتنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ئەمما خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش تىرىشچانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

نۇرى تۈركەل مۇنداق دېگەن: «بىز سابىق ترامپ مەمۇرىيىتى ۋە ھازىر بايدېن مەمۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. شۇنىڭدەك بىز دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پارتىيەلەر ھالقىغان مۇتلەق كۆپ ئاۋازدا قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. بىراق بىز ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشى ئىزچىل داۋام قىلماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئوخشاش پىكىردىكى خەلقئارا شېرىكلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا قاراتقان يىرگىنچلىك قەبىھلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش تىرىشچانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشى شەرت».

بۇنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى سىياسىي تەۋسىيە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە خىتاينىڭ تېخنىكا ئىستىبداتلىقى، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئامېرىكادىكى يامان غەرەزلىك سىياسىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەش تەۋسىيەلىرىدە بولغانىدى.