خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ھەرىكىتىگە ئالجىرىيەمۇ قېتىلغان

خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلىش ھەرىكىتىنىڭ سېپىدىن ئالجىرىيەمۇ ئورۇن ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان بىر ئالجىرىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، بۇ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ (غەرب) تاراتقۇلىرىنىڭ «ساختا خەۋىرى» ئىكەنلىكى، بىر ئەرەب بولۇش سۈپىتىدە باشقىلارغا بۇنىڭ «ھەقىقىي ئەھۋالىنى» نى سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ سۆزلەرنى ئالجىرىيە دىن ۋە زاكات ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھەمكارلىق ۋە تاشقىي مۇناسىۋەتلەر ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھەممەد سايېبنىڭ ‍ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغاندا ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ۋېدىيو سۆھبىتى 26-يانۋار كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلغان

مۇھەممەد سايېب خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىي» نى قوللاپ، غەرب تاراتقۇلىرىنى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن تۇنجى چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي تاراتقۇسىدا مەخسۇس سۆھبەت ‍ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئېكراندا ئاشكارا ئىنكار قىلغان ئاز ساندىكى چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرىدۇر. مۇھەممەد سايېب مۇخبىرنىڭ «سىز ھازىر شىنجاڭدا، سىزنىڭ شىنجاڭدا ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭىز غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن بىردەكمۇ؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا ئۇ، «بۇنىڭ جاۋابى، ياق» دەپ ئېيتقان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ زىيارەت ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ رايونىغا ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ھەقىقىي كۆرۈنۈشى» نى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇھەممەد سايېب يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز ئەرەبلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئەھۋالنى ‍ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بىز بۇنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزىمىز، يەنى بىز بۇ يەردە كۆرگەن ھەقىقىي ئەھۋاللارنىڭ نۇرغۇن تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان يالغان كۆرۈنۈشلەر ئەمەسلىكىنى يەتكۈزىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەممەد سايېب 2023-يىلى نويابىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا-شەرىق ۋە شىمالى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى دىنىي ۋە ئاخبارات ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ سۆھبەتنى نېمە ئۈچۈن ئەمدى تارقاتقاتلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 23-يانۋار ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك باھالاش يىغىنىدا، ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.