25-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتى ئاۋازغا قويۇلغان تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان مۇئامىلىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا باراۋەر ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. گوللاندىيە بۇ خىل باياناتنى ئېلان قىلغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە تەكلىپ لايىھەسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇغۇت چەكلەشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلىرى ۋە جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇشتەك بىر قاتار ھەرىكەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 260-نومۇرلۇق قارارى، يەنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› دىكى ماددىلارغا ماس كېلىدۇ. خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ.»
بۈگۈن بۇ خەۋەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى خۇرسەن قىلدى. ئۇلار گوللاندىيە پارلامېنتنىڭ بۇ قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «گوللاندىيە پارلامېنتى ياۋرۇپادا تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ لايىھەنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىمىز.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا يەنە: «گوللاندىيە پارلامېنتى ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەت پارلامېنتلىرىغىمۇ مۇھىم ئۈلگە تىكلەپ بەردى،» دېيىلگەن.
ئالدىنقى كۈنلەردە كانادا پارلامېنتىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان ئىدى.