«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2-مارت بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى» خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن 30 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس» نى ئۈرۈمچىگە توپلاپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى قارارىغا ئىنكاس قايتۇرغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىدىكى كەسكىن پوزىتسىيەسىنى تەنقىدلەش، ئامېرىكانىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ»، «رايوندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ» دېگەن باياناتلىرىنى رەت قىلىش بولغان. مەزكۇر يىغىندا يەنە ئۇيغۇر رايوندىكى «مەجبۇرىي ئەمگەك»، «تۇغۇت چەكلەش»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە خىتاي ھۆكۈمەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى مەلۇم.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر يىغىندا خىتاي مۇتەخەسىسىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنى «ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدا قوللانغان بىر قىسىم خىزمەت تەدبىرلىرى» دەپ چاپان ياپقان. ئۇلار يەنە «جازا لاگېرى»، «كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەك»، «مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش» ۋە «بالىلارنى مەجبۇرىي ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى «ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ تۆھمىتى،» دەپ ئەيىبلىگەن.
بۇ يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىن 65 پىرسەنت ئازايغانلىقى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق بەزى جايلاردا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئازىيىشىنىڭ 80 پىرسەنتتىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىنغان.
يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان يەنە بىر تىما خەلقئارا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسى بولۇپ، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئامېرىكانى «كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقچى،» دېگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىغىندا خىتاي مۇتەخەسسىلىرى باشتىن-ئاخىر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرىنى «يالغان» غا چىقارغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ئاتالمىش ھۆكۈمەت «مۇتەخەسسىس» لىرىنى يىغىپ، ئامېرىكاغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايى قىلمىشلىرىدىن ساراسىمگە چۈشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا. بولۇپمۇ ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغانلىقىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق جىددىيلەشكەنلىكى مەلۇم.