خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى لوندون خەلق سوتى خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغان، خىتاي تەرەپ 25-ماي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەت 25-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر خەلق سوتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلىرىگە قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى كۆرۈپ چىقىش توغرىسىدىكى پىلانىنى ئەيىبلىگەن. لوندون خەلق سوتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا سوتنىڭ 6-ئايدا رەسمى ئېچىلىدىغانلىقى، شاھىتلارنى ئاڭلاشقا ۋە دەلىللەرنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈي گۇيشياڭ خىتاينىڭ بۇ سوتنى «ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا «پىسەنت قىلمايدىغانلىقى» نى ئېيقان بولسىمۇ، بىراق شۈي گۇيشياڭنىڭ ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈشى ئۇلارنىڭ يەنىلا بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ سوتنىڭ قانۇنىي زورلاش كۈچى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ دەلىللەرنى كۆرۈپ چىقىدىغانلىقى ۋە قارارىنىڭ خەلقئارا ئۆرنەك تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇي گۇيشياڭ 25-ماي ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا «بۇ خەلقئارا قانۇن-تەرتىپكە پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلغانلىق، ھەقىقىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى ئېغىر ھاقارەتلەش ۋە شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت كىشىلىرىنى قۇتراتقانلىق،» دېگەن. بىراق لوندون خەلق سوتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، 2019-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 50 پىرسەنتتەك ئازىيىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان بىر ۋاقىتتا ئېچىلىدۇ.