ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى رىچى تورېس ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىستىخبارات دوكلاتى قانۇن لايىھەسى سۇنغان
2023.05.26
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى ئەزاسى رىچى تورېس، 25-ماي دۆلەت مەجلىسىگە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىستىخبارات تەھقىقلەش قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسى سۇنغان. رىچى تورېسنىڭ 25-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىشخانىسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت يىللىق دوكلات تەييارلاپ، دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. باياناتتا رىچى تورېس مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىنغان جىنايەت بولۇپ، سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كەچۈرمىشى چوقۇم سۆزلىنىشى كېرەك».
تورېس رىچى يەنە بۇ قانۇننىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ئەزالارنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشىشىگە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن مېنىڭ سۇنغان قانۇن لايىھەمنىڭ ئالاھىدە كومىتېتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتا ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىغا ئايلىنىشىغا ئۈمىدۋار قارايمەن» دېگەن.
رىچى تورېسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر خەلق سۈپىتىدە مەدەنىيەت، كىملىك، تارىخىي، مەۋجۈتلۇق نۇقتىسىدىن ۋەيران قىلىش غەرىزىنىڭ ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە روشەن ئىكەنلىكىدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك» ئىكەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش سەۋەبىدىن يېرىملاپ يېرىملاپ كەتكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.
رىچى تورېس يەنە خىتاينىڭ قىلمىشىغا قارىتا: «ئامېرىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دېگەن سۆزنى قوللانغاندىن كېيىن، بىزنىڭ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېگەن.