خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى چاقىرغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى چاقىرغان

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ساياھەتچىلىكنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت27-ماي كۈنى تۇرپاندا «2024-يىللىق ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭ يىغىنى» چاقىرغان، يىغىنغا خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن بولۇپ 500 ئادەم قاتناشقان. يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز سۆز قىلىپ، «شىنجاڭنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان گۈزەل ماكان» غا ئايلاندۇرۇش چاقىرىقى ئېلىپ بارغان.

يىغىندا، خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەتچىلىكى مەخسۇس پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن ساياھەتچىلىك شىركەتلىرى بىرلىشىپ ساياھەتچىلەرنى چاقىرىش، ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش، باھادا ئېتىبار بېرىش، مۇلازىمەت تۈرىنى كۆپەيتىش، قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى، ھەتتا مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى ئېلىپ كەلگەن چەت ئەل ساياھەت شىركەتلىرىنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر رايونىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىتاينىڭ بارغانسېرى چۆكۈۋاتقان ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاش ۋە «نورماللاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمىدۇر، دەپ قارىماقتا.

بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ ئاتاپ، چەت ئەل ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللىمەسلىككە چاقىرغانىدى.