ئامېرىكانىڭ سابىق دىنىي ئىشلار ئەلچىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-07-01
Share

ئامېرىكانىڭ سابىق دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋېنبەك بىلەن ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى روشەن ئابباس «ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 30-ئىيۇندىكى سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا ئ‍ۈندىگەن.

ماقالىدە فرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجىنى كەچمىشى ۋە 2018-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ ھازىرغا قەدەر ئ‍ىز-دېرىكى بولمىغان دوختۇر گۈلشەن ئ‍ابباسنىڭ مەسىلىسى چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قورقۇنچىلىق زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

«ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن دەھشەتكە جاۋاپ بېرىش» ماۋزۇلىق مەزكۇر ماقالىدە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ھەركىتى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كەلگەن ئەڭ قەبىھ ۋەھشىلىكلەرنىڭ بىرى» ئىكەنلىكى، «ئاياللارغا ئوكۇل سېلىپ ئۇلارنى تۇغماس قىلىشقا دائىر دوكلاتلار» خىتاينىڭ ئاخىرىقى مەقسىتىنىڭ «ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىنىڭ ئاخرىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىدەك بۇ ۋەھشىلىكنى ‹ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىشكە ئۈندەيمىز. بىراق بىز تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. گۈلبۇھارغا ئوخشاش شاھىتلار دۇنيانىڭ قالغان قىسمىنى ئۆز ۋەتىنىدە دەھشەتلىك ۋەھشىلىككە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش، ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكىنى قوغداش ھازىر بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز.».

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت