خىتاينىڭ تەخمىنەن 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسىنى قاماپ، مىللەتنىڭ سەركىلىرى ھېسابلانغان بۇ كىشىلەرنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە.
تۈركىيەلىك مۇخبىر، گېتستون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئۇزاي بۇلۇت 4-ئىيۇل مەزكۇر ئىنستىتۇت تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇسۇلىدا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە باشقا مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسىنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى، بۇ زىيالىيلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان مىللەتسۆيەر يازغۇچى-شائىرلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
ئۇ خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەن تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇت، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا تەسىرى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان شائىر-يازغۇچىلاردىن ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەختەم ئۆمەر، ھاجى مىرزاھىد كىرىمى (لاگېردىن چىقىپ ئۆلۈپ كەتكەن)، ئادىل تۇنىياز، مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىي ئەخمەتجان جۈمە، ئابدۇقادىر جۈمە (ھەر ئىكككىسى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمەتجان جۈمەنىڭ ئىنىسى) قاتارلىقلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك قارىلاپ زىيانكەشلىك قىلغان زىيالىيلار قاتارىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرنى ۋە ئۇلارنىڭ زىيالىيلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇسۇلىدا باستۇرۇۋاتقان ھەم قىيناۋاتقان ئەھۋالدا پۈتۈن دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.