ئ‍امېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا بارلىق دىپلوماتىك قوراللارنى ئىشقا سالىمىز»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 12-ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ 2021-يىللىق «ئەلېي ۋېسسىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئ‍ىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» كە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنى شەرھلىگەن.

دوكلاتتا «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن 2021-يىلى 1-ئايدا شەرھلەپ ئ‍ۆتكىنىدەك خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مۇسۇلمان خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.

شۇ كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تاشقى مىنىستىرى بلىنكېن «بۇ يىلقى دوكلاتنىڭ تۇنجى قېتىم بىرما، ئېفوپىيە، خىتاي ۋە سۈرىيەنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئ‍الغان كونكرېت دۆلەتلەردىكى ۋەھشىيلىكلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، بۇ دۆلەتلەر ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت پىلانىدىكى «ئەڭ كەسكىن تاشقى سىياسەت خىرىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

ئاخبارات يىغىنىدا مۇۋەققەت ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت فاۋچېر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ۋە داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقانلىقى»، ئامېرىكانىڭ بۇ ۋەھشىيلىككە خاتىمە بېرىش ئ‍ستىراتېگىيەسىنىڭ «دىپلوماتىك ئىستراتېگىيە بولۇپ، خىتايغا قارىتا ئىمكانىيەت يار بەرگەن بارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ، بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.