ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2018-يىلى ماقۇللىنىپ ئىشقا كىرىشكەن «ئېلىي ۋېيزېل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 5-تارمىقىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نۆۋەتتە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر قاتارىدا مەخسۇس تىلغا ئالغان.

ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

«ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ خىتاينى ئەيىبلەشنى ۋە ئۇنى شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەت قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا ئۆزلىرىنىڭ 2022-يىلى مابەينىدە ۋەھشىيلىكلەرگە قارشى تۇرۇش بويىچە قىلغان خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا ۋە باشقا 49 دۆلەتنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى كومىتېتىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرغانلىقى، چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەت قوللانغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەنگەن مەخسۇتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇ جەھەتتە قولغا كەلگەن بىر قىسىم نەتىجىلەرنى شەرھلەپ ئۆتكەن.

ئۇلار يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئىشلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، ئۇكرائىنا، يەمەن، ئېفىيوپىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ۋەھشىيلىكلەرنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەتلەرمۇ تىلغا ئېلىنغان ۋە ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ۋەھشىيلىكلەرنى توختىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.