خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داغدۇغىلىق ساياھەت تەشۋىقاتلىرى بىلەن ياپماقتا
2024.08.20
ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتايدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان شىۋېتسىيەلىك ئىنسانشۇناس ماگنۇس فىسكەسيۆ (Magnus FiskesjÖ) 19-ئاۋغۇست كۈنى «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتچىلىك تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەسلىدە ناتسىستلار قىلغان كۆز بويامچىلىق تەشۋىقاتىنىڭ تەكرارلىنىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ساياھەتچىلىك مۇستەبىت دۆلەتلەر تارىختىن بېرى قوللىنىپ كەلگەن مۇھىم تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغان ناتسىست گېرمانىيەسىمۇ 1943-يىل ساياھەتچىلىك تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرغان. پولشالىق بىر مۇخبىر يېقىندا ناتسىستلارنىڭ 1943-يىل ئىشلەتكەن ساياھەت قوللانمىسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ناتسىستلار پولشانى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن قۇرغان باش ھۆكۈمەت بىناسىغا بارىدىغان يول كۆرسىتىلگەن ئىكەن. بۇ رايوندىكى نۇرغۇن ساياھەت نۇقتىلىرى «گېرمانىيەنىڭ تارىخىي مىراسلىرى» سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەر شۇ قوللانمىنىڭ ياردىمىدە بۇ يەرلەرنى پەخىرلەنگەن ھالدا زىيارەت قىلىشقان ئىكەن.
ماقالىدە ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: «مانا بۇلار دەل خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان شىنجاڭدا (ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدۇ) كۆرۈلۈۋاتقان ئەھۋالدۇر. خىتاي بۈگۈن ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك تەقىپ-نازارەت ئاستىغا ئېلىش، مىللىي ھېسسىياتى كۈچلۈكرەك ئىنسانلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ قاماش، لاگېردىن ساق قالغانلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن بۇ رايوندىكى يوشۇرۇن قارشىلىقنى تەلتۆكۈس باستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە كەڭ ئېچىۋەتتى. ئارقىدىنلا چاقماق تېزلىكىدە تەشۋىقات ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتى. بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت 2017-يىلدىن بۇيان ئەيىبلەپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوققا چىقىرىشنى، ئەڭ ئاساسلىقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ‹شىنجاڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلار› دىن قىلىشنى مەقسەت قىلدى».
ئاپتورنىڭ كۆزىتىشىچە، خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرگە «يېڭىلانغان شەھەرلەر، ئۆزگەرتىلگەن باغچىلار» ۋە ساختا تارىخىي مۇزېيلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، «بۇ رايوننىڭ ئەزەلدىن خىتاي مەدەنىيىتىگە تەۋە جاي» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان بولسا، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەتكە قاققان ياكى ئۇنى ئىپتىدائىي مەدەنىيەت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە بولسا، بۇ رايوندىكى خەلقنىڭ «ئەركىن ۋە بەختىيار» ياشاۋاتقان مەنزىرىسىنى كۆرسەتكەن. ناتسىستلارمۇ ئەينى چاغدا «شادىمانلىقتىن كۈچ ئېلىش» تاكتىكىسىنى قوللانغان بولۇپ، بۈگۈنكى خىتايمۇ شۇ ئۇسۇلنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن.