ب د ت نىڭ 3-كومىتېتى يەنى «ئىجتىىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى» نىڭ 4-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفېلد، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. گرېنفېلدنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتتىن باشقا ياققا يۆتكەشكە تىرىشماقتا» ئىكەن.
گرېنفېلد خانىم، ئامېرىكانىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان شىنجاڭدىكى ئەھۋاللارغا ھەرگىز سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دىققەتنى شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتىن باشقا ياققا بۇراشقا ئۇرۇنماقتا. بىز بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك ھەم دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغان ئەھۋالدا ھەرگىز بۇنىڭغا سۈكۈت قىلمايمىز».
يىغىندا يەنە گېرمانىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئانتىيې لىندېرتىسمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىر جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جازا مېخانىزمى ماقۇللىغانلىقى، ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ: «بۇ دائىرىدە خىتايدىكى بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان قاتتىق ئەندىشىمىزنى ئىپادىلەيمەن» دېگەن.
ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ۋەكىللىرىنىڭ سۆزى خىتاي ۋەكىلىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاينىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جۈن يىغىندا دىپلوماتىك پەردىشەپنى قايرىپ قويۇپ، ئىنتايىن قوپال سۆزلەر بىلەم ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ، ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيەنىڭ بارلىق تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئۆز تارىخىدىكى خاتالىقلار بىلەن يۈزلىشىشىنى، ئۇنىڭ خىتاينى تەنقىدلەش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.