ئېۋېلىنا ئوچاب: «ئۇيغۇرلار تەدرىجىي كۆزدىن يۇتۇۋاتىدۇ»

يېقىندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ بۇنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ئاستا سۈرئەتلىك يوقىتىش ئىكەنلىكىنى خۇلاسە تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

22-نويابىر كۈنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى، دوكۇر ئېۋېلىنا ئوچاب بۇ دوكلات ھەققىدە تەقرىز ماقالىسى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدەك دوكلاتتا كۆپلىگەن پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، نىشانلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش، لاگېرلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلار، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى جۇدالىققا مەھكۇم قىلىش، ئۇيغۇرلارنى توپ-توپى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان تەبىرلەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا قىرغىنچىلىقنىڭ كۆلىمى كىشىلەر دەماللىققا ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىغان دەرىجىدە ئاستا سۈرئەتتە كېڭەيمەكتىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە بۇ دوكلاتنى 2021-يىلى مارت ئېيىدا «يېڭى لىنىيە ئىنستىتۇتى» ئېلان قىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ داۋامى دېيىشكىمۇ بولىدىكەن. ئاپتور بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل باچېلېت خانىمنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى سۆزلىرى، شۇنىڭدەك لوندوندىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرى قاتارلىقلارنى نەقىل كەلتۈرگەن ھالدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەخسۇس قارار ئالغانلىقىنىڭ ئاساسسىز بولمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئىزچىل بۇ خىلدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ھال ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلىنىشقا ئاساس بولالمايدىكەن. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە شۇنچە كۆپ مەلۇماتلار ۋە دەلىل-ئىسپاتلار دۆۋىلىنىپ تۇرغان ئەھۋالدا خەلقئارانىڭ بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلالىشى جىددىي ئويلىنىشقا موھتاج ئىكەن. خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ب د ت مۇ بۇ جەھەتتە خۇددى سۈرىيەدىكى قىرغىنچىلىققا قارشى تەدبىر ئالغاندەك ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىم ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى رېئاللىق ئۈچۈن پەقەت بىرىنچى قەدەم ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چەكلەشتە يول تېخى بەك ئۇزۇن ئىكەن.