خىتاي مەتبۇئاتلىرى 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىش ئالدىدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوملارنى پۈتتۈرۈپ، ئىشسىز قېلىپ، ئۆزلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرغان 75 مىڭ نەپەر ياشنىڭ 85.3%ni ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2010-يىلى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس كېڭەيتىلگەن يىغىنى چاقىرىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان بۇ ياشلارنى ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنى قارار قىلغان ۋە 2011-يىلى مەزكۇر 75 مىڭ نەپەر ئىشسىز ياشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلار 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى، ھەممە يەرلەردىكى ئىش ئورۇنلىرىنى خەنلەرنىڭ ئىگىلەپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىشسىز قالغانلىقى ھەققىدە كۆپ ئىنكاسلارنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىرىدىمۇ ئەنە شۇ ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىشىنىڭ مۇھىم ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە يۈزلىگەن ياشلارنىڭ خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە، جۈملىدىن ئەنە شۇ ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا باراۋەر مۇئامىلە تەلەپ قىلسىمۇ، بىراق قوراللىق ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
خىتاي مەتبۇئاتى 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، 2010-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە جەمئىي 2مىليون 490 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. لېكىن، مەزكۇر رەقەمنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.