خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى پارچىلاش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاياللار-بالىلار تەرەققىيات پىلانى ئېلان قىلىپ، 2025-يىلغىچە رايوندا ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى 45% گە يەتكۈزىدىغانلىقى، بۇنىڭ شەھەر-بازارلاردا 40% گە يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 13-يانۋار رايوننىڭ «2021-2025 يىللىق ئاياللار تەرەققىيات پىلانى» بىلەن «2021-2025 يىللىق بالىلار تەرەققىيات پىلانى» نى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر تەرەققىيات پىلانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، 2016-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىشى دىققەت قوزغىدى. يېقىندا ئەنگلىيەدىكى «لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىشىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.
بىراق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 13-يانۋار ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى ئاخبارات يىغىنىدا، دائىرىلەر بۇ پىلاننىڭ «ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاياللارنىڭ ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تۈرلۈك ئەمگەك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. «شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، «بالىلار تەرەققىيات پىلانى» غا ئاساسەن 2025-يىلغىچە شەھەر-بازاردىكى ئىجتىمائىي رايونلىرىنىڭ 95% دە، يېزا-كەنتلەرنىڭ 85% دە «ئاتا-ئانىلار مەكتىپى» ۋە «ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمەت پونكىتلىرى» قۇرۇلىدىكەن. لېكىن خەۋەردە بۇ «مەكتەپ» ۋە «پونكىتلار» نىڭ قانداق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
