ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ خىزمەت تېپىشتا قىينىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سورىلىۋاتقان پەيتلەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە 30 مىڭغا يېقىن ئىختىساسلىق خادىم جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلىغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، مائارىپ ۋە سەھىيە ساھەسى قاتارلىقلار ئورۇنلاردا نۆۋەتتە جەمئىي 28 مىڭ 137 ئورۇن بىكار ئىكەن.
خەۋەردە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بازار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ چىڭنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلىيەتچانلىق تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەرگە بولغان ئېھتىياجمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ساھەگىمۇ 26 مىڭ 154 نەپەر ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيىسىدىكى تېخنىك خادىم لازىم ئىكەن.
ھالبۇكى، بۇ ئورۇنلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنى مەنپەئەتدار قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
ئىلگىرى رادىئومىز ئىگىلىگەن بەزى ئۇچۇرلاردا پەقەت قاراماي شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش تاپالماي يۈرگەن ئۇيغۇر ۋە قازاق ياشلىرىنىڭ 5 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ بۇ ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ نىداسىغا قۇلاق سالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئىش تېپىشتا خىتايدىن باشقا مىللەتلەر چەتكە قېقىشقا ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرايدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياخشى ئىش پۇرسەتلىرىنى يەرلىكلەرگە بېرىشنىڭ ئورنىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاتالمىش مۇتەخەسسىس نامىدا نوپۇس يۆتكەشنى ئەۋزەل كۆرۈپ كەلدى. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىقلارنى ئۇلغايتىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىمۇ بۇ ئىش پۇرسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشقا چاقىرىمىز.»
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر يېزا ياشلىرىنى تەشكىللەپ«ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن. بۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.