ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ستۇدېنتلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىللارقىدىن شىددەتلىك كۆپىيىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنى تېزرەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ستېرېئولۇق ئەمگەك بازىرى بەرپا قىلغان. «تەڭرى تاغ» تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە 158 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 32 مىڭ ئوقۇغۇچى ئارتۇق پۈتتۈرىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان رايوندىكى چوڭ تۇتقۇندا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش، كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتكەنىدى.
نۆۋەتتە دائىرىلەر شۇ ۋاقىتتا قوبۇل قىلىنغان ستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. «تەڭرى تاغ» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. خەۋەردە، ھەر قايسى ناھىيەلەردىكى ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى» نى پۈتتۈرگەن ستۇدېنتلارنىڭمۇ ئەمگەك بازىرىغا سېلىنغانلىقى، بۇ ناھىيەلەردە ئەمگەك بازارلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، ھەر قايسى ناھىيەلەردىكى بۇ خىل «كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى» نىڭ قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
«تەڭرى تاغ» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رايوندىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى» نى پۈتتۈرگەن ستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى سانائەت باغچىلىرىمۇ سەپەرۋەر قىلىنغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى مەركەزلەشكەن بۇ خىل سانائەت باغچىلىرى خىتاينىڭ رايوندىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك بازىلىرى ئىكەن.