خىتاينىڭ پاكىستاندىكى دىپلوماتىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئىسمىدىن «مۇھەممەد» نى ئۆچۈرۈۋېتىشى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا بىر قىسىم مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى چەكلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىسلام ئەللىرىدىكى بىر قىسىم دىپلوماتلىرىمۇ ئۆز ئىسمىغا قوشۇۋالغان مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى ئۆچۈرۈشكە باشلىغان.

«بۈگۈنكى ھىندىستان» گېزىتىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردا تىزىمغا ئالدۇرغان خىتايچە ئىسمىنىڭ ئالدىغان قوشۇۋالغان «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان جاۋ لىجيەن ئىلگىرى تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «مۇھەممەد لىجيەن جاۋ» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە ئۇنىڭ تۇڭگان ياكى خىتاي ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، جاۋ لىجيەننىڭ بىر قىسىم تۇڭگانلارغا ئوخشاش خىتايچە ئىسمىنىڭ ئالدى-كەينىگە ئىسلامىي ئىسىملارنى قوشۇپ ئىشلەتكەنلىكىگە قاراپ، ئۇنىڭ تۇڭگان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، جاۋ لىجيەننىڭ تىۋىتتېردا بىر مۇنچە پاكىستانلىق ھەمبەھىرلىرى بار بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ پاكىستانغا سالىدىغان مەبلەغلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى تارقاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ بىردىنلا خىتايچە ئىسمىنىڭ ئالدىدىكى «مۇھەممەد» نى ئۆچۈرۈۋېتىشى ئىجتىمائىي تاراتۇلاردا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدىغان پاكىستانلىقلارنى ھەيران قالدۇرغان.

«بۈگۈنكى ھىندىستان» گېزىتى تارقاتقان مەزكۇر خەۋەردە خىتاي دىپلوماتى جاۋ لىجيەننىڭ ئۆز ئىسمىنىڭ ئالدىدىكى «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنى ئۆچۈرۈۋېتىشى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا 29 مۇسۇلمانچە ئىسىمنى چەكلىگەندىن كېيىنكى بىر ئىنكاس بولۇشى مۇمكىن، دېيىلگەن.