ISIS ئۇرۇشتىن قاچقان 3 «جۇڭگولۇق» نى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغان

خىتاي ئاخباراتىنىڭ كۇرد ئامانلىق خادىملىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى ئۆتكەن يىلى ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئۇرۇشتىن قاچقان 3 نەپەر «جۇڭگولۇق» نى خائىنلىق بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغان. مەزكۇر خەۋەر خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى تەرىپىدىن ئېلان ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىر كۇرد ئامانلىق ئەمەلدارى جىھادتىن ئۈمىدسىزلىنىپ، تۈركىيەگە قايتىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بىر «جۇڭگولۇق» ياشنىڭ ئۆتكەن يىلى 9‏-ئايدا قولغا ئېلىنىپ سوتلانغانلىقى ۋە ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر كۇرد ئامانلىق ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا يەنە ئىككى «جۇڭگولۇق» باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن 11 كىشى بىلەن بىللە، «جىھادتىن قېچىپ خائىنلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە كاللىسى ئېلىنغان.»

بىراق«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ 3 «جۇڭگولۇق» نىڭ ئىسمى، مىللىتى تىلغا ئېلىنمىدى. بۇ خەۋەر خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىراق ۋە سۈرىيەدە 300 دەك ئۇيغۇر جىھادى بارلىقىنى قەيت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.