ئارۇن ئاناند: «ئىسلام دىنىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى قىرغىنچىلىقتۇر!»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى يىللاردىن بۇيان «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى ئارۇن ئاناند (Anand Arun) بۇ قىلمىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تىپىك قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ «تۇنجى پوچتا» گېزىتىدە 20-دېكابىر ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نامىدا دۆلەت قۇرغان ئۇيغۇرلار بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئالاھىدە نامايان قىلغان. ئەمما 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ رايوننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان «خىتاي ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» ئىسلام دىنىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئارزۇسىغا بېقىندۇرغان ھالدا كونترول قىلىش رولىنى ئوينىغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا ئىسلام دىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك «قىرقىپ تاشلىنىش» قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن: مەسچىتلەر چېقىلىپ، چوشقا قوتانلىرىغا ئايلاندۇرۇلغان؛ دىنىي دەستۇرلار ۋە ئۇيغۇرچە كىتابلار كۆيدۈرۈلگەن؛ ئىسلامىي يوسۇندىكى كىيىنىش ئادەتلىرى قەتئىي تەقىب قىلىنغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 1980-يىللارغا كەلگەندە بۇ ئىشلارنىڭ «خاتا بولۇپ قالغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ جەھەتتىكى قىسمەن ئەركىنلىككە يول ئېچىلغان. ئەمما 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» ۋە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان تۈرلۈك چەكلىمىلىرى يەنە بىر قېتىم قاتتىق چىڭىتىلغان. 2014-يىلىغا كەلگەندە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» قوزغاش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېررورلۇق بىلەن ئىسلام دىنىنى چەمبەرچاس باغلىغان. بۇنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى 2014-يىلىدىكى «يەركەن قىرغىنچىلىقى» دا ئەكس ئەتكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن كەڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرى بىردەك «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا داۋام قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكى پاك-پاكىزە تازىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. مىليونلارچە ئۇيغۇر 2016-يىلىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان تۈرلۈك باغلىنىشى تۈپەيلىدىن لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باستۇرۇش قىلمىشىنى «تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭ تۈپكى خاراكتېرىنى چىقىش قىلغان ھالدا بۇنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇ بۇ ھەقتە مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان دوكلات ئېلان قىلغان.