«يەرشارى ئىماملار كېڭىشى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەشۋىقات ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، -1ئاينىڭ 5-كۈنى، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي − ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭنى سىنتلىق ساياھەت قىلىشى» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پەلەستىن، پاكىستان، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، قىرغىزىستان، نىگېرىيە، كامېرون قاتارلىق 36 دۆلەتنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، مۇئاۋىن ۋەكىللىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتارلىقلار قاتناشقان بۇ تەشۋىقات پائالىيىتىدە «شىنجاڭنىڭ ئاتالمىش تەرەققىياتى»، ئۇيغۇرلارنىڭ «خۇشال-خورام ياشاۋاتقانلىقى»، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى «مۇسۇلمانلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى» قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساس قىلىنغان تەشۋىقات فىلىملىرى قويۇلغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى جۇڭگونى قەتئىي قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، پۇرسەت بولسا شىنجاڭنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى» دېگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنى خىتاينىڭ «يەرشارى ئىماملار كېڭىشى» ئېلان قىلغان چاقىرىقتىن جىددىيلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.
«يەرشارى ئىماملار كېڭىشى» بارلىق ئىسلام مەزھەپلىرى ۋە پىكىر ئېقىمىدىكى مۇسۇلمان دىنىي داھىيلارنىڭ دۇنيادىكى تۇنجى ۋە ئەڭ چوڭ دۆلەت ھالقىغان ھۆكۈمەتسىز ئورگىنى بولۇپ، ئۇلار يېڭى يىل كۈنى مەخسۇس بىر بايانات ئېلان قىلىپ بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن مەنئى قىلغانىدى.
مەزكۇر ئورگان يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە «خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرگە مەكتۇپ يوللاپ ئۇلارنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتىنى بۇزۇشقا، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.