خىتاي ئامېرىكانىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن ئۆچۈرۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەتلىك تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شىن 14-ئىيۇل كۈنى جامائەت خەۋپسزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن ئۆچۈرۈۋېتىشىگە ئىنكاس قايتۇرغان.

ئۇ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسىئونلىرىنىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنى ‹تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى› دىن چىقىرىۋېتىشى، ئامېرىكانىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى ‹سىياسىيلاشتۇرۇۋاتقانلىقى› ۋە ئۇنى ‹كوزېرلاشتۇرۇۋاتقانلىقى› نىڭ بىر ئىپادىسى. ئامېرىكانىڭ مەقسىتى ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونى قامال قىلىشتۇر.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى 20-ئۆكتەبىر كۈنى سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىمزاسى بىلەن «‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر يېـتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بولمىغانلىقى» سەۋەبلىك ئۇنى «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىققانلىقى ئېنىق ئەمەس، بىراق ۋۇ شىن شۇ كۈندىكى سۆزىدە «‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتى خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان يۈزلىگەن زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلدى. ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتى دۆلەت ھالقىغان تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدىغان خەلقئارالىق تېرورلۇق تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇ خىتاي ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ،» دېگەن.

ھالبۇكى، چەت ئەللەردىكى مۇتەخەسسىسىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەۋجۇتلۇقى گۇمان قوزغاپ كەلگەن كەلگەن بۇ تەشكىلاتنىڭ نامىنى سۈيئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زور كۆلەملىك باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىكلىرىنى ئاقلاپ كەلگەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش بۇ تەشكىلاتنى «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» ئۆچۈرۈۋېتىشى بىلەن خىتاينىڭ «تېررولۇق» نى باھانە قىلىپ ئۆزىنى ئاقلايدىغان ئاساسلىرىنىڭ بىتچىت بولغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى گەرچە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئىسمىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، بىراق ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئافغانىستاندا 10 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى قولغا چۈشۈرۈشى بىلەن خىتاينىڭ بۇ ئويۇنىغا بولغان گۇمان تېخىمۇ كۈچەيگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئافغانىستاندا قولغا چۈشكەن بۇ خىتاي جاسۇسلىرى ئىچىدە ئىككى نەپىرىنىڭ تالىبانغا تەۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى «ھەققانىيەت تورى» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، بۇ 10 نەپەر خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئافغانىستاندا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دىن بۇ ساختا تەشكىلاتنى پەيدا قىلماقچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

سىياسىي ئانالىزچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسمى بار، جىسمى يوق «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، بۇنىڭغا چىدىمىغان خىتاي مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تېخىچە مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ جاسۇسلارنى ئىشقا سالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.