خىتاي ئەنگلىيەنىڭ ش ت ئى ھ نى تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە ئالغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئالغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇغان. ئەنگلىيەنىڭ بۇ تۇيۇقسىز قارارى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ناھايىتى تاسادىپىي تۇيۇلغان.

ئۇلار خىتاينىڭ بۇنى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، خەلقئارا جامائەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى پەيدا قىلغان «خەتەرنى ئېتىراپ قىلغانلىقى» نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: « بىز ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى خالايمىز» دېگەن.

ئامېرىكا بىلەن ب د ت ش. ت. ئى. ھ نى 2002‏-يىلى 9‏-ئايدا تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 2004‏-يىلدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالغان.

بەزى چەتئەللىك ئانالىزچىلار، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بىر سىستېمىلىق تەشكىلى ئاپپارات ئىكەنلىكى گۇمانلىق، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ش. ت. ئى. ھ نى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق سىياسىي تەلەپلىرىنى باستۇرۇپ كەلگەن.