ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف يېقىندا دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى رەسمىي بايانات تارقىتىپ، پرېزىدېنت كەرىموفنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ بىر مەزگىل مەخسۇس تەكشۈرۈلۈپ، داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پەرغانە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئادەتتە ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنتىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىدىغانلىقى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس بايانات بېرىلمەيدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەت باياناتى كىشىلەردە ھەر خىل گۇمانلارنى پەيدا قىلغان. كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ جىددىي يۈرەك تىقىلمىسىغا دۇچ كەلگەنلىكىگە ئائىت سۆزلەر تارقالغان.
ئىسلام كەرىموف 1989 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئۆزبېكىستاننى ئىدارە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى ئىدى. ئۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئىزچىل ئىدارە قىلىۋاتقان رەھبەرلىرىدىن بىرىدۇر، ئەلۋەتتە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفمۇ سابىق سوۋېت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى ئىدى.
2002 - يىلى، ئۆزبېكىستان قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى يەتتە يىلغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.
ئىسلام كەرىموف 1938 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن.