كۇۋەيتنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد ھەيف ئەلمۇتەيرى: «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتايدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشى كېرەك»

كۇۋەيتنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد ھەيف ئەلمۇتەيرى «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتايدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشى كېرەك»، دېگەن.

كۇۋەيتنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد ھايېف ئەلمۇتەيرى بۇ سۆزلەرنى يېقىندا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار بۇنى بەك چوڭ تەلەپ دەپ قارىماسلىقى، دائىم تەلەپنى يۇقىرى قويۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ئەمدى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلماي، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغان ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان دۆلەت، دەپ جاكارلىشى كېرەك».

«خەلقئارا شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 10-ئىيۇندىن 12-ئىيۇنغىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى. مۇھاكىمە يىغىنىغا 40 دەك دۆلەتتىن كەلگەن ئۆلىمالار، پارلامېنت ئەزالىرى، قانۇنشۇناسلار، سىياسىيونلار ۋە ژۇرنالىستلار بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

كۇۋەيت سابىق پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد ھەيف ئەلمۇتەيرىنىڭ سۆزلىرى ئەرەب دۇنياسىدىمۇ دىققەت قوزغىغان بولۇپ، مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «ئوتتۇرا شەرق ئاخبارات تەتقىقات ئورنى» ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان.