ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتىگە بېرىپ، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان

پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار 2-ماي كۈنى 30 كۈنلىك رامازان ئېيىنى ئاخرلاشتۇرۇپ، روزى ھېيتنى كۈتۈۋالغان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئ‍ىسى ئەركىن تيۇنىياز ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ئىسلام جەمئىيىتىگە بېرىپ، ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئ‍ەركىن تۇنىيازنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتى ۋە ش. ئۇ ئا. ر. ئىسلام جەمئىيىتىدىكى «ۋەتەنپەرپەرۋەر دىنىي زاتلار» غا ئېيتىشىچە، ئۇلار ئىسلامنى «جوڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئېسل ئەنئەنىسىگە ماس ھالدا ئىزاھلىشى»، كەڭ دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقاتچى ئاممىنى «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشكە يىتەكلىشى كېرەك» ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەركىن تۇنىياز 30-ئاپرېل ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەستىچى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىگە بېرىپ، يۇقىرىقى تەلەپلەردە بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام دىنىغا قارىتا خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن بولغان مەنىۋى بېغىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا كىرىشكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھارپىسىدا تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىشى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دىگەن: «يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە پارتىيىنىڭ دىنىي خىزمەتتىكى ئاساسىي سىياسىتىنى تولۇق يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ يىتەكلەش كېرەك.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى «دىنىي ساھەنى ئۆز-ئ‍ۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىشقا يىتەكلىشى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ۋە قائىدە-تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك،» ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىللىق روزا ھېيتنىڭ ۋاقتىنى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولسىمۇ، بىراق رايوندىكى تاراتقۇلاردا ھېيت تەنتەنىسىگە ئائىت ھېچقانداق خەۋەر بېرىلماسلىكى دىققات قوزغىماقتا.