ئۇيغۇر رايونىدا «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان

خىتاينىڭ «دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى 2016-يىلدىن باشلاپ رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئەڭ ئېغىر شەكىلدە-مەسچىتلەرنى چېقىش ھەمدە مېڭە يۇيۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى بۇ سىياسەتنى ئىدېئولوگىيەلىك تەربىيە ۋە تەشۋىقات ساھەسى بويىچە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە باشلىغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 19-ئىيۇل كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى «شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتكوم سېكرېتارى جى لىن خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ ئىسلام دىنىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى؛ ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش بۇ دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا يېتەكلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىلزات ئەخمەت ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا «ئىسلام دىنىنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېڭى دەۋرگە ۋە خىتاينىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلاشتۇرۇش» كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز ۋە باشقا 20 نەچچە مۇتەخەسسىس قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشىنىڭ ئەسلىدە ئىسلام دىنىنى «ئەرەبچە ئىسلام ۋە خىتايچە ئىسلام» دەپ ئىككىگە بۆلۈش ئىكەنلىكىنى ۋە ئىسلامغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇلغان ئىسلامنىڭ خىتاي ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئەسلى مەقسەتنىڭ ئىسلام دىنىنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.