ئىسپانىيە ساقچى دائىرىلىرى شەنبە كۈنى ساختا ئىشلەش توختامنامىسى تۈزۈش ئارقىلىق ئىسپانىيەدە تۇرۇپ ئىشلەش رۇخسىتى تارقىتىدىغان بىر خىتاي قانۇنسىز كۆچمەنلەر گۇرۇھىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شايكىغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارىدىن 57 نەپىرى تۇتۇلغان ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بارسېلونادىكى خىتاي پۇقرالىرى مەزكۇر ساختا ئىشلەش توختامىغا ئېرىشىش ئۈچۈن 8 مىڭ ياۋرو سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر ساختا توختامنامىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىسپانىيەدە تۇرۇش رۇخسىتىگە ئىگە بولىدىكەن. ساقچىلارنىڭ ئېنىقلىشىچە، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئالدى بىلەن لانساروتې ئارىلىدا تۇرۇش رۇخسىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئەسلى توختامدا دېيىلگەن ئىشلارنى قىلماي، ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىگە قايتىپ كېتىپ، كىيىم كېچەك كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىكەن،
ئىسپانىيە ساقچى دائىرىلىرى ھازىرغىچە قانچىلىك خىتاي پۇقراسىنىڭ بۇ خىل ساختا توختام ئارقىلىق ئىسپانىيەدە تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ساختا توختام تارقىتىش شايكىسىنىڭ باشلامچىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئەر - ئايال خىتاي گۇماندار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەتبۇئاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، ياۋروپا شەھەرلىرىگە كېلىپ تۈرلۈك ئىشلار بىلەن، جۈملىدىن سودا - سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جان بېقىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئىسپانىيەمۇ خىتاي كۆچمەنلىرى كۆپ جايلاشقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئىسپانىيەدە نۆۋەتتە 200 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كۆچمىنى تۇرۇۋاتقانلىقى ھېسابلاپ چىقىلغان بولۇپ، بۇلار قانۇنلۇق كۆچمەنلەر ئىكەن، ئەمما قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلار ھەققىدە سانلىق مەلۇمات يوق.