ئىسپانىيە سوتى خىتاينىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىدىن خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.11.19

ئىسپانىيە سوتى خىتاينىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىدىن 6 كىشىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلار ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتى 18-نويابىر كۈنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان خىتاي ئەمەلدارلىرى، خىتاينىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن خۇ جىنتاۋ ۋە جاڭ زېمىن، سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭ، چاۋ شى قاتارلىقلار شۇنداقلا ئىلگىرى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن چېن كۇيۈەن، دېڭ دېلۈن قاتارلىقلار.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۈستىدىنمۇ چەتئەللەردىكى تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي دېموكراتلىرى ئىسپانىيە سوتى ۋە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز سۇنغان.

بۇندىن 2 يىل ئىلگىرى ئىسپانىيە سوتى خۇ جىنتاۋ، جاڭ زېمىن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.