ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىسپانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتىنىڭ خىتاي رەھبىرى جياڭ زېمىن قاتارلىق 6 خىتاي ئەمەلدارى ئۈستىدىن، تىبەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقىغا چىقارغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئايال باياناتچىسى جۈمە كۈنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسپانىيە باش ئەلچىسىنى پەيشەنبە كۈنى چاقىرتىپ، بۇ ۋەقە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
لېكىن ئۇ يەنە، بىر ئىسپانىيە يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك ئەمەلدارىنىڭ ئوخشاشلا شۇ كۈنى، خىتاينىڭ مادرىددا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئىسپانىيە ئۆزىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىغا ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسپانىيە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ پرىنسىپىدا، باشقا دۆلەتلەردە سادىر بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئىسپانىيە سوتىغا ئەرز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىسپانىيەدىكى تىبەتنى قوللىغۇچى ئىككى تەشكىلات، جياڭ زېمىن قاتارلىق 6 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان.
ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتى ئەرزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى جياڭ زېمىن قاتارلىق 6 خىتاي ئەمەلدارى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر جياڭ زېمىن قاتارلىق بۇ ئالتەيلەن چەتئەلگە ساياھەتكە چىقسا قولغا ئېلىنىشى مۇمكىن.