ئىسرائىلىيە ماۋى مارمارا پاراخوت ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر ئۈچۈن تۈركىيەدىن ئەپۇ سورىدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانىياخۇ جۈمە كۈنى 2010‏‏- يىلى 5‏-ئايدا يۈز بەرگەن ماۋى مارمارا پاراخوت ۋەقەسىدىكى خاتالىق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئۈچۈن تۈركىيەدىن ئەپۇ سورىدى.

ئىسرائىلىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ گازاغا ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغان ماۋى مارمارا، ناملىق تۈرك پاراخوتىنى توسۇش ھەرىكىتىدە 9 ئادەم ئۆلگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈركلەر ئىدى.

بۇ ۋەقە تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىدە ئېغىر كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تۈركىيە ئىزچىل ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەدىن ئەپۇ سورىشىنى ۋە ئۆلگەنلەرگە تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

بىراق، نېتانياخۇ ئەپۇ سوراشنى رەت قىلىپ، پەقەت ئادەم ئۆلگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.

ئىسرائىلىيە تۈركىيەدىن ئەپۇ سورىغان مەزگىل دەل پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كەلدى.

ئوباما جۈمە كۈنى نېتانياخۇ بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خەۋەرلەردە ئوبامانىڭ ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەردوغان جۈمە كۈنى نېتانياخۇنىڭ ئەپۇسىنى «تۈرك خەلقى نامىدىن قوبۇل قىلغانلىقى» نى جاكارلىدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىك ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نېتانياخۇ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئەسكەرتىپ: ماۋى مارمارادا كېلىپ چىققان تراگېدىيىلىك ئاقىۋەت قەستەنلىك ئەمەس. ئىسرائىلىيە ۋەقەدە يارىلانغان ۋە ئۆلگەنلەردىن ئەپۇ سورايدۇ، دېگەن.

تۈركىيە باش مىنىستىرلىك ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۆلگەنلەرگە تۆلەم تۆلەش توغرىلىق كېلىشكەنلىكى، پەلەستىننىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىلىق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.