ئ‍ىسرائىلىيەنىڭ «خارەتىز» گېزىتىدە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ قىشلىق ئ‍ولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن «خارەتىز» گېزىتى 27-دېكابىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ‍ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىلغان. ماقالىدە، ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 1936-يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىكى بىلەن خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى سېلىشتۇرۇلۇپ؛ «تارىخ، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى ئىنسانلىققا ۋە ئۇيغۇرلارغا ھەمدەمدە بولۇپ، خىتاينىڭ زۇلۇمغا قارشى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە پەرۋاسىز قالامدۇ؟» دېيىلگەن.

«ئىسرائىلىيە نېمە ئۈچۈن بېيجىڭنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك؟» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىنى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» رەئىسى روشەن ئابباس بىلەن ئامېرىكادا ياشايدىغان يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى شاھىتى سامى ستېگمان بىرلىشىپ قەلەمگە ئالغان. ماقالىدە: «بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاشكارا ئاقلاۋاتقان بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى»، «ئەمەلىيەتتە، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى پىلانلىق مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، ئۇلارنى ‹ئ‍اشقۇنلۇقنىڭ بالا تۇغۇش ماشىنىسى بولۇشتىن ئازاد قىلدۇق›، دەپ تەبرىكلىگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە يەنە: «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مەلۇم بىر گۇرۇپپا يالغۇز بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىى»، بىراق «ئىنسالىقنىڭ بارلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ھېچقانداق بىر گۇرۇپپىنىڭ ئاساسى ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتىگە لايىق ئەمەس، دەپ قارالماسلىقىنى تەلەپ قىلىش دۇنياغا باغلىق بولۇپ قالغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ ساۋاق شەرقىي تۈركىستاندا سىناققا دۇچ كەلگەن. ماقالىدە، گىتلېرنىڭ 1936-يىلى بېرلىن ئولىمپىكىدە دۇنياغا ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە ئىرقچى ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ناتسىستلار ھۆكۈمىتىنى قانۇنلاشتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «بۈگۈن بىز ئىسرائىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنى بۇ خاتالىقتىن ساۋاق ئېلىشقا ۋە (ئولىمپىكقا) قاتنىشىشنى رەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن.