تۈركىيەدىكى «مىللىيەت» ۋە «ھۈررىيەت» قاتارلىق چوڭ گېزىتلەر 7-يانۋار كۈنى ئىستانبۇل ئەمنىيەت مۇدىرلىقى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ، يېڭى يىل كېچىسى رېينا كېچىلىك كۇلۇبىنى قانغا بويىغان تېررورچىنىڭ ئابدۇلقادىر ماشرىپوف ئىسىملىك ئۆزبېك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ «ئەبۇ مۇھەممەد خۇراسانى» دېگەن كود ئىسىمنى ئىشلەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلى مەزكۇر تېررورلۇق ۋەقەسى ھەققىدە تۈركىيە تاراتقۇلىرى پەيدا قىلغان ئاخبارات ۋەھىمىسىدىن ۋاقتىنچە بولسىمۇ ئارام تاپقان ئىدى. «تۈركىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلىمۇ «مىللىيەت» گېزىتى تارقاتقان خەۋەرگە ئاساسلىنىپ، «رەينا كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىنىڭ كىملىكى مەلۇم بولدى» سەرلەۋھەلىك خەۋەر بېرىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلى تىنجىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى، «مىللىيەت» گېزىتى بۈگۈن، يەنى 9-يانۋار كۈنى باشقىچە خەۋەر بېرىپ، ئورتاكۆيدىكى رەينا كېچىلىك كۇلۇبىنى قانغا بويىغان تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشرىپوفنى ھۇجۇمغا تەشكىللىگەن كىشىنىڭ «ھوشۇرقارى ئابلىز ئىسىملىك 21 ياشلىق شەرقىي تۈركىستانلىق بىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان «ھوشۇرقارى ئابلىز» نىڭ ئىسمى «مىللىيەت» گېزىتىدە خىتايچە پىنيىن بىلەن يېزىلغان. ئۇنىڭ 2016-يىلى 21-ئاپرېل كۈنى خىتاي پاسپورتى بىلەن تۈركىيەگە كىرگەنلىكى، رېينا پاجىئەسى يۈز بېرىشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۇنىڭ كونيادىن ئىستانبۇلدا ياشايدىغان بىر تۇغقىنىغا تاپانچا بىلەن ئوق ئەۋەتكەنلىكى ۋە ئۆزبېك تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشرىپوف بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، تۈركىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى ساقچى تەرەپتىن بۇ تەپسىلاتلارنى جەزملەشتۈرىدىغان رەسمىي بايانات ھازىرغىچە بېرىلمىگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن سىياسىي پائالىيەتچىلەر تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تېررورچىنىڭ كىملىكى ھەققىدە 10 كۈندىن بۇيان بىر-بىرىگە زىت ھەم تىكىشى توختىمىغان خەۋەرلەرنى بېرىپ، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا دېلىغۇللۇق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
