ئىستانبۇل «رېئىنا قەتلىئامى» غا چېتىشلىق دەپ تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي پاسپورتلۇق ئىككى شەخس جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلىپ، رەسمىي قولغا ئېلىنغان. مەھكىمە ئۆمەر ئاسىم، ئابلىز ئابدۇھەمىت ئىسىملىك بۇ ئىككى شەخسنى قولغا ئېلىشنى بۇيرۇغان.
ئۆمەر ئاسىم بىلەن ئابلىز ئابدۇھەمىت ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما 1-ئىيۇن «رېئىنا قەتلىئامى» دىن كېيىن، ئۇلارنىڭ «رېئىنا قەتلىئامى» نى ئېلىپ بارغان تېررورلۇق گۇماندارى ئەبۇ مۇھەممەت ئەل خۇراسانى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى بايقالغان.
تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابۇ مۇھەممەت ئەل خۇراسانىنىڭ كونيادا ئولتۇرغان ئۆيى ئۆمەر ئاسىمنىڭ نامىدا ئېلىنغان. ئابلىز ئابدۇھەمىت بىلەن ئۆمەر ئاسىم 2016-يىلى 15-دېكابىر تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدىن يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئارقىلىق ئىستانبۇلغا يوللانغان بىر خالتىنى ئالغىلى بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان.
خەۋەردە، خالتىدىن تاپانچا، تاپانچا ئوقى قاتارلىق نەرسىلەر بايقالغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئاسىم بىلەن ئابلىز ئابدۇھەمىت ئىستانبۇل ئەسەنلەر ئاپتوبۇس بېكىتىگە خالتىنى ئالغىلى بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تۈرك ئاخباراتى ئىلگىرى تۈرك ئامانلىق ئورگانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋەرلىرىدە، ئابۇ مۇھەممەت ئەل خۇراسانىنىڭ بىر مەزگىل كونيادا تۇرغانلىقى، ئۇنىڭ 15-دېكابىر ئىستانبۇلغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دەسلەپكى مەزگىلدە، تۈرك ئاخباراتى ۋە بەزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى گۇماندارنى ئۇيغۇر دەپ ئېلان قىلىشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. نەتىجىدە، دائىرىلەر گۇماندارنىڭ ئۆزبېكىستانلىق ئابدۇقادىر ماشارىپوف ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
