ئىستانبۇل رېينا كۇلۇبى تېررورلۇق ھۇجۇمى گۇماندارى تۇتۇلدى

1- يانۋار رېينا كېچىلىك كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 39 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررور گۇمادنارى ئابدۇلقادىر ماشارىپوف 16-يانۋار ئىستانبۇلدا تېرىك قولغا چۈشكەن.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ تۈرك ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار ئابدۇلقادىر ماشارىپوفنى ئىستانبۇلنىڭ ئېسەنيۇرت رايونىدىكى بىر قىرغىز دوستىنىڭ ئۆيىدە 4 تۇتقان.

تۈرك ئاخباراتلىرىدا تارقىتىلغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا، ماشارىپوفنىڭ يۈز كۆزلىرى مەلۇم دەرىجىدە يارىلانغان، كۆڭلىكىنىڭ ئالدى قىسىمنى ئازراق قانغا مىلەنگەن بولۇپ، ئۇنى ساقچىلار گەردىنىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاپتوموبىلغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن.

رېينا ھۇجۇمىدا تۈرك پۇقرالىرىدىن باشقا ئىسرائىلىيە، فىرانسىيە ھىندىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 8 دۆلەتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆلتۈرۈلگەن، كېيىن «ئىسلام دۆلىتى» بايانات بېرىپ، ھۇجۇمدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

ئىلگىرى ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مۈجمەل ئۇچۇرلار تارقىتىلغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇنىڭ قىرغىزىستان پۇقرالىقىدىكى ئۆزبېك كىشى ئىكەنلىكىنى دەلىللەنگەن ئىدى.

بۈگۈن تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش بايانات بېرىپ، يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدىكى رېينا كېچىلىك كۇلۇبىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پىلانلىق ئېلىپ بارغان قىلمىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭدا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭمۇ قولى بارلىقىنى تىلغا ئالغان.

«ھۆرىيەت» گېزىتى بۈگۈن بۇ ھەقتە يېڭى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ «ئەبۇ مۇھەممەد خوراسانى» نامىدىكى كود ئىسىم ئىشلەتكەن تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشارىپوفنىڭ ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى رايونىدا ۋاقىتلىق تۇرغان مەلۇم بىر ئۆيگە بېسىپ كىرگەنلىكى ۋە 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇلنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ساقچىلار بۇ پۇلنى 15-يانۋار كۈنىدىكى ئۆي تىنتىشتا قولغا چۈشۈرگەن.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشارىپوف ساقچىلارنىڭ ئىز قوغلاپ تور سېلىشى نەتىجىسىدە بۇ پۇلنى ئېلىشقا پۇرسەت تاپالمىغان ئىكەن. تۈركىيە ئىستىخبارات تەرەپمۇ، 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بۇ زور سوممىلىق پۇل، تېررورچىنىڭ رېينا كۇلۇبى پاجىئەسىنى دىنىي ئىدېئولوگىيە ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۇل ئۈچۈن قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەن تەخمىننى ئىلگىرى سۈرگەن.