ئىستانبۇلدىكى رەينا كېچىلىك كۇلۇبىنى قانغا بويىغان ئابدۇقادىر ماشارىپوفقا سوت ئېچىلدى
2017.12.11
2017-يىلى 1-يانۋار كېچىسى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى رەينا كەچلىك بەزمىخانىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 39 كىشىنى ئېتىۋەتكەن، 79 كىشىنى يارىلاندۇرغان ئابدۇقادىر ماشارىپوۋغا بۈگۈن رەسمىي سوت ئېچىلدى.
فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان پۇقراسى بولغان ئابدۇقادىر ماشارىپوف ۋە ئۇنىڭ ئايالى، شۇنىڭدەك ئاشۇ قېتىملىق ۋەقەگە چېتىشلىق 56 كىشى بۈگۈنكى سوتقا ئېلىپ كېلىنگەن. سوتتا ئۇنىڭغا «قوراللىق تېررورچىلار گۇرۇھىغا قاتنىشىش»، «قانۇنىي تەرتىپنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش»، «كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرۈش» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلغان. سوتتا ھەر بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن ئابدۇقادىر ماشارىپوفقا جەمئىي 40 قېتىملىق مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن. قاماق جازاسى مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئىستانبۇلدىكى سىلىۋرى تۈرمىسىدە ئىجرا قىلىنىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈنكى سوتقا ئېلىپ كېلىنگەنلەر ئاساسەن چەتئەللىكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىكەن. سوتنىڭ ئاخىرىدا سودىيە جاۋابكار ئابدۇقادىر ماشارىپوفقا سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرگەن. ئەمما ئۇ «سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى» نى ئىشلىتىپ، زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرۇۋالغان ھەمدە جىنايىتىنى بوينىغا ئالمىغان.
ئەينى ۋاقىتتا رەينا كەچلىك بەزمىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان گۇماندارنى «ئۇيغۇر بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن» دېگەن سۆزلەر كەڭ تارقالغان. ئەمما ئابدۇقادىر ماشارىپوف تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆزبېك ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان ئىدى. «ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئابدۇقادىر كەچلىك بەزمىخانىغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى ئافغانىستاندا ھەربىي تەلىم-تەربىيە مەشىقى كۆرگەن. كېيىنچە، سۈرىيەدىكى «دائىش» تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستانبۇلدا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىغان.