28-ئىيۇن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ياش ئابدۇلھەكىم بۇغدانىڭ جىنازا نامىزى پەيشەنبە كۈنى چۈشۈرۈلۈپ، مېيىتى يەرلىككە قويۇلدى.
تۈركىيە ت ر ت رادىيوسى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇمنىڭ 30-ئىيۇن ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى ئامىنە ئىنانچ جامەسىدە چۈشۈرۈلگەن جىنازا نامىزىغا تۈركلەر ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ نۇرغۇن ئادەم قاتناشقان. مەرھۇمنىڭ تۈركىيە بايرىقى يېپىلغان جىنازىسى زەيتىنبۇرنۇدىكى سىلىۋرىكاپى ئايۋالى قەبرىستانلىقىدا يەرلىككە قويۇلغان.
فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدىكى «چەلەبى» ناملىق بىر تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدىكى تارمىقىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ياش ئابدۇلھەكىم بۇغدا 1991-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 28-ئىيۇن كەچ سائەت 9 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەن قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۈچ پاي ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان.
ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 41 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 239 ئادەم يارىلانغان ئىدى.