ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودروم ھۇجۇمچىلىرىغا دائىر بەزى تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى

تۈركىيە تاراتقۇلىرى، 28-ئىيۇن ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرودروم ھۇجۇمچىلىرىغا دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.

تۈركىيە «خەۋەر تۈرك» ھەمدە «ئىستىقلال » تورلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىك ياكى چېچەن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۈچ كىشى 32 كۈن ئىلگىرى ئىستانبۇلغا كېلىپ، ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا رۇسىيە پاسپورتىنى كۆرسىتىپ، بىر يىللىق توختام بىلەن ئۆي ئىجارىگە ئالغان. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۈچەيلەن بىر تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئايرودرومغا كەلگەن.

تاكسى شوپۇرى ئۇلارنىڭ ئېنىقلا چەتئەللىك ئىكەنلىكىنى، چىچەن ياكى كافكاز رايونىدىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تاكسى شوپۇرىنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۈچ كىشى ئىپتار ۋاقتىغا يېقىن تاكىسىنى توسقان، چىققاندىن كېيىن تۈركچە پەقەت «ئاتاتۈرك ئايرودرومى» دېگەن سۆزنىلا قىلغان. ئۇلارنىڭ قولىدا بىر چوڭ، ئىككى كىچىك چامادان بار بولۇپ، باشقا بىر تىلدا پاراڭلىشىپ ماڭغان. شوپۇر ئۇلاردا ھېچقانداق ھاياجان ياكى باشقىچە ئەھۋال بايقىمىغان، يېنىدا قورال بارلىقىنىمۇ بىلەلمىگەن. ئۇلار ئايرودرومنىڭ خەلقئارالىق يولۇچىلار كېلىش بىناسىنىڭ ئالدىدا تاكسى كىراسىنى بېرىپ چۈشۈپ كەتكەن. بۇ يەردە ساقلاشقا بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، شوپۇر تېزلا ئايرىلغان. ئۇ ئايرودرومدىن ئايرىلىپ بىر ئازدىن كېيىن پارتلاش بولغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن قايتقانلىقىنى بىلگەن.

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ساقچىلار ئىستانبۇل ئايرودرومىدىكى پارتلاشتا گۇمانلىق دەپ قارىغانلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ تۈركىيە تاراتقۇلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ساقچىلارنىڭ 16 نۇقتىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 13 ئادەمنى تۇتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. 30-ئىيۇندىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 43 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 230 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.