يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، پۈتكۈل تۈركىيە شۇنداقلا دۇنيا جامائىتىنى يەنە بىر قېتىم ساراسىمگە سالغان.
ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى يىل كىرگەن كېچىسى سائەت 01:15 ئۆتكەندە ئاپتوماتىك قورال تۇتقان سالاھىيىتى نامەلۇم بىر كىشى ئىستانبۇلنىڭ ئورتاكۆي رايونىدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبقا باستۇرۇپ كىرىپ، كىشىلەرنى قىرغىن قىلغان.
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جەمئىي 39 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 69 كىشى يارىلانغان. تۈركىيە ئادالەت مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقتا ئۆلگەن 39 كىشىنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 27 نەپىرى چەتئەللىك، 11 نەپىرى تۈركىيەلىك ئىكەن. بىر نەپەر ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتى تېخىچە مەلۇم ئەمەسكەن.
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋەقەدىن كېيىن ئىنكاس دەرھال قايتۇرۇپ، «تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كىملىكى تېخىچە ئاشكارىلانمىغان تېررورچى 5 دىسكا ئوق ئېتىپ، پۈتۈن مەيداننى قانغا بويىغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن ئايرىلغان. ئۆلگەنلەر ئىچىدە بىر نەپەر ساقچىنىڭ بارلىقى مەلۇم. تېررورچىنىڭ كىملىكى، دۆلەت ۋە مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە ئاۋام ئارىسىدا تۈرلۈك قىياسىي تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپ قېچىپ كەتكەن تېررورچىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن.
بۇ قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى بۇنىڭدىن 3 ھەپتە ئىلگىرى ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن، جەمئىي 45 كىشى ئۆلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن پۈتۈن تۈركىيەنى زىلزىلىگە سالغان يەنە بىر قېتىملىق زور تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەن.
تۈركىيە باش مۇپتىسى مەھمەت گۆرمەز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «يېڭى يىل كىرىپ بىر سائەت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى دۆلىتىمىزنى چوڭقۇر ئازابقا چۆمدۈردى. ئىنسانلىققا يات بولغان بۇنداق قىرغىنچىلىق مەيلى بازاردا، مەيلى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ياكى ئىبادەت ئورۇنلىرىدا يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئوخشاشلا تېررورلۇق قىلمىشىدۇر. ئۇنىڭغا ھېچكىم چىداپ تۇرالمايدۇ.»